ھىندىستان خىتايغا قارشى ۋېيتنام بىلەن ھەمكارلاشتى

خوڭكوڭ خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27- دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ۋېيتنامغا دەرىجىدىن تاشقىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بەرمەكچى بولغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش ھەل قىلىنمىغاچقا، ھىندىستان ۋېيتنامغا «BrahMos» ناملىق ئاۋازدىن تېز خاسىيەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنى نىشانلاپ، خىتاينىڭ دىققىتىنى ھىمالايا تېغىغا يۆتكەپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن ۋېيتنام باش مىنىستىرى نىگۇيېن شۈەن فۇچنىڭ 21-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق ئۇچرىشىشتا، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بايان قىلىنغان، ھەمدە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا كېلىشكەن.

ۋېيتنام، ھىندونېزىيە، تايلاند، سىنگاپور ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، سۇ ئاستى پاراخوتى، كۈرەشچى ئايروپىلان ياكى قۇرۇقلۇقتا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەققىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، BrahMos ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھىندىستان بىلەن روسىيە بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا 300 كىلوگىراملىق يادرو ئوق بېشىنى سەپلەشكە بولىدىكەن. شۇنداقلا سۈرئىتى ئاۋاز سۈرئىتىنىڭ 3 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. مەزكۇر بومبا خىتاي ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز ئارمىيەسى نىشانلىرىغا ئەجەللىك تەھدىت ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1029 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2020 20:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق