ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ كۆمۈر سودىسىدىن ئۆچ ئېلىپ ، 80 دىن ئارتۇق كۆمۈر پاراخوتى پورتتا توختاپ قالغان 1000 دىن ئارتۇق خادىم دېڭىزدا قاپسىلىپ قالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. خىتاي ئاۋسترالىيەدىن داۋاملىق ئۆچ ئالغان بولۇپ، كۆمۈر ئىمپورتى خىتاينىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى. ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاۋسترالىيەنىڭ 80 گە يېقىن يۈك پاراخوتى ۋە مىڭدىن ئارتۇق پاراخوت خادىمى خىتاي پورتىدا قاپسىلىپ قالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ كۆمۈر ئىستېمالچىسى ئىكەن. 2019-يىلى كوكس كۆمۈر ئىمپورتىنىڭ %40 تىن كۆپرەكى، ئىسسىقلىق كۆمۈر ئىمپورتىنىڭ تەخمىنەن% 57 ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە ئۆتكەن يىلى خىتايغا 10 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە كۆمۈر ئېكسپورت قىلغان. خىتاي 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە 240 مىليون توننىغا يېقىن كۆمۈر ئىمپورت قىلغان. بۇ 2019-يىلدىكى ئومۇمىي ئىمپورت كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %80 كە باراۋەر ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ يىل مايدا ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىرغاندىن كېيىن، خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. چەكلەنگەن تاۋارلار كۆمۈر، تۆمۈر رۇدىسى، ئارپا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، شېكەر، پاختا، يۇڭ، ياغاچ، قىسقۇچپاقا، گۆش، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ئۆچ ئالىمەن دەپ، يېقىندا جېجىياڭ، جياڭشى، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىمۇ توك توختاپ قالغان.