ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈندىدار خىتاينىڭ خەلقنى كۆزىتىشتە ئۈنۈملۈك قورال بولۇپ قالغان.
«ۋال كوچىسى گېزىتى» دە «ئۈندىدار خىتاينىڭ ھەممىلا جايدا كۆزىتىش قورالىغا ئايلاندى» تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە، خىتاي قوللىنىشچان ئەپ دېتالى ئۈندىدارنىڭ خەلقنى نازارەت قىلىش، خەلقنىڭ سۆزلىرىنى تەقىب قىلىپ جازالاش قورالىغا ئايلانغانلىقى ئېنىق مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈندىداردا پۇل يۆتكەش، تۆلەش ئۇسۇللىرىنى ئىشلەتكەن كىشىنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئۆتىدىكەن. ھازىر ئۈندىدارنى نازارەت قىلىش ئەندىشىسى كۈچەيگەنلىك سەۋەبىدىن، بىر قىسىم ئابونتلار بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈندىدار ئىشلىتىشتىن قېچىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. كۆپ كىشىلەر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەقىپ قىلىشىغا ئۇچرىمايدىغان چەتئەل يۇمشاق دېتال سۇپىسىغا كۆچۈشكە باشلىغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، باشقىلارنى ئۈندىدار ئىشلەتمەسلىككە ئۈندىگەن كىشىلەر دائىرىلەر تەرىپىدىن چاقىرىلىپ، ئۈندىداردىن باشقا چەتئەل يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈندىدار خىتاينىڭ خەلقنى نازارەت قىلىش قورالى بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇمات ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى توپلاشتىكى ئىنتايىن كۈچلۈك قورال ئىكەن. شۇڭا دائىرىلەر كىشىلەرنىڭ چەتئەل يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىشىنى قاتتىق چەكلەيدىكەن. ئۈندىدارنىڭ نۆۋەتتە، دۇنيا مىقياسىدا بىر مىليارد 200 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتى بار بولۇپ، يۇقىرىدىكى يولسىزلىقلار سەۋەبلىك تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9-ئايدا ئۈندىدار ۋە تىكتوكنى چەكلىگەن ئىدى