بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى ئېتىزلىقتا 9-10 ياشلار ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ پاختا تېرىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىم بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى. ئائىلە چوڭلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان مىليونلارچە بالىلارنىڭ بىر قىسمى ئاتالمىش پەرىشتىلەر ئۆيى نامىدىكى بالىلار لاگېرلىرىغا قامالسا، يەنە بىر قىسمى كىچىك ياشتا تۇرۇپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.
بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سىن تارقالغان بولۇپ 11 ياشلىق بىر قىزنىڭ بىر كىلو پاختىنى بىر سومدىن تېرىيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
تارقالغان يەنە بىر سىندا خىتاينىڭ سۈرگۈن قىلىشى بىلەن خىتاي ئۆلكىسىدە خىتاي زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىشلەۋاتقان يېرىنى سىنغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆز دەردىنى: «شۇنچە تەلمۈرسەم ئۆيگە كېتەلمىدىم، توزىدى ئۆيگە قايتىش پىلانلىرىم، نە گۇناھىم بار ئىدى ئۆيگە قايتمايدىغانغا، بىلمىدىم بىلەلمىدىم» دەپ ناخشا ئېيتىپ تارقاتقان.
تارقالغان بۇ تۈردىكى سىنلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانچىلىق ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.