khaama خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى چوڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى پاش بولۇپ، 10 نەپەر جاسۇس قولغا ئېلىنغان.
بۇ خەۋەرنى «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» تۇنجى قېتىم خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى كابۇلدا خىتاينىڭ 10 نەپەر جاسۇسىنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي جاسۇسلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 10 نەپەر خىتاي پۇقراسى كابۇل بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بۇ كىشىلەر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىغا خىزمەت قىلىدىكەن.
«ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى خىتاينىڭ ئالاھىدە خادىمى لى ياڭ ياڭ بىلەن شاخۇڭ خىتاينىڭ [ھەققانىي] ناملىق ئالاقە تورى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدىن پارتلاتقۇچ دورا ۋە باشقا بۇيۇملار تېپىلغان. بۇلار ئافغانىستاننىڭ كۇنار ۋە بەدەخشان ئۆلكىسىدىكى تالىبان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان.
لى فامىلىلىك جاسۇس كابۇلنىڭ غەربىدىكى كارت-چاھاردىكى ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 7-ئايدىن 8-ئايغىچە خىتاي ئاخبارات ئورگىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.
شا خۇڭ ئىسىملىك جاسۇس كابۇل شەھىرىنىڭ شىرپۇر رايونىدا رېستوران ئاچقانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ يۈدىن قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش ھەمدە خەلقئارا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جاسۇسلىرى ئافغانىستاندا ساختا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلات مودىلىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان جاسۇسلار بۇ دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ETIM ئالاھىدە خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ھەرىكەتكە پاكىستاننىڭ ئىستىخبارات ئورگىنى ISI مەخپىي ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى نىشانلىغان.