خوڭكوڭ خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دالىيەندە ۋىرۇس قايتا تارقىلىشقا باشلاپ بىر قانچە كۈن ئىچىدە 39 كىشى يۇقۇملانغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دالىيەندە ۋىرۇس يۇقۇمى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن. 15-دېكابىردىن باشلاپ ھازىرغىچە، جەمئىي 19 بىمار جەزملەشتۈرۈلگەن، ئۇندىن باشقا 20 ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. دالىيەن دائىرىلىرى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھازىردىن باشلاپ شەھەردىكى بەش كوچىنى تاقايدىغانلىقىنى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇسىدىن ئايرىلىشىنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر بۇيرۇق دالىيەن جىنپۇ يېڭى رايونىنىڭ مەركىزى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن. بەش كوچىنىڭ سىرتىدىكى قوشنا كوچىلاردىن ئادەم ۋە ماشىنىلارنىڭ بەش كوچا ئىچىگە كىرىشى چەكلەنگەن.
ئىگىلىنىشچە، دالىيەندە 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ بارلىق خىزمەتچىلەرگە يادرو كىسلاتاسى سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان. ئۈچ كۈندىن بۇيان، پۇقرالار، كارخانا ۋە ئورگانلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەۋرىشكە ئېلىش ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى مۇراجىئەت قىلىنغان. 12-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 12:00 گىچە، شەھەردە 3 مىليون 399 مىڭ كىشىدىن يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىنغان. يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارىلىپ جاۋابكارلىققا تارتىلغان.