ئاتالمىش "شىنجاڭ گېزىتى" خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىن 100 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك توكنى خىتايغا توشۇپ كەتكەن.
ئاتالمىش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 23 – دېكابىرغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك مەنبەسىنى توشۇش مىقدارى 100 مىليارد 12 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان. بۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇشنى باشلىغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك مەنبەسىنى يىللىق بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشقان.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2010- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك ئېنېرگىيەسىنى خىتايغا توشۇشقا باشلىغان بولۇپ، 10 يىلىدىن بىرى 92 مىليون 80 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن. بۇ يىل 7 – ئايدىن باشلاپ يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي جۇڭغاردىن ئەنخۇيغا 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك توشۇش قۇرۇلۇشىنىڭ توك يەتكۈزۈش كۈچى 6 مىليون كىلوۋولتتىن 8 مىليون كىلوۋاتقا يەتكەن. بۇ قۇرۇلۇشتا بۇ يىل خىتايغا توشۇپ كېتىلگەن توك مىقدارى 43 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتايغا توشۇش كۆلىمىنىڭ %40 نى ئىگىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى كەڭ – كۆلەملىك بۇلاڭ -تالاڭ قىلىپ، خىتاينىڭ 20 ئۆلكىسىگە توشۇماقتا ئىكەن.