تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلار 256 گە يەتتى

25 - دېكابىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 17543 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 201 مىڭ 104 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 17543 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3199 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 256 كىشى قازا قىلىپ، 35511 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 970 مىڭ 803 كە، قازا قىلغانلار 19317 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 4702 گە يەتكەن.فاھرەتتىن كوجا يەنە ئېغىر ۋە نورمال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ تەدبىرلەرنىڭ پايدىسىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا دوختۇرخانىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 902 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2020 19:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق