ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 24 – دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ «تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى» دا «خىتاي چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشتا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەيدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ تاشقى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش شۆبىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام ئېۋانىنا قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئاخبارات خادىملىرىنىڭ كۆز قارىشىغا ئورۇن بېرىلگەن.
ماقالىدە خۇسۇسىي خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئاخبارات ئىدارسىنىڭ ئوغرىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى ئېرىشكەن ياكى ئوغرىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر قانداق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشتا بېيجىڭ رېجىمى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئاخبارات توپلىشىغا پايدىلىق. بۇ سانلىق مەلۇماتلار خىتاي، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇسۇسىي تارماقلاردا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: «خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى خىتاي شىركەتلىرىنى خالىغانچە باشقۇرىدۇ. 2017-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇستەبىتلىكى ئاستىدا، بېيجىڭدىكى خىتاي كارخانىلىرىنى خىتاي ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئىشلەشكە ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىشقا مەجبۇرلىدى، بۇ ئەھۋال نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن مۇشۇ كۈنلەردە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىڭ بېشارىتى ئىدى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ماقالىدە «خىتاي ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، ئەلى بابا، تېڭشۈن، بەيدۇ قاتارلىق خۇسۇسىي شىركەتلەر چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلار ئامېرىكا ئورگانلىرىدىن ئوغرىلىقچە ئوغرىلانغان زور مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە تەھلىل قىلىشقا بۇيرۇلغان، مەلۇماتلار بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال خىتاي ئورگانلىرىغا قايتۇرۇلىدۇ» دېيىلگەن.
مەسئۇللار بۇ ئەھۋالنىڭ، مەسىلەن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NSA) ۋە ئامېرىكىدىكى مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ خىتاي ئارمىيىسگە ئالاقىدار يىغىلغان 10 ياكى 15 پېتابايتلىق سانلىق مەلۇماتنى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە گۇگۇل، ئامازون ياكى مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەرگە ئانالىز قىلدۇرۇشى دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
9-ئايدا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىگە «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش» نى ئاساس قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە تەۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئەپلىرى TikTok ۋە WeChat نى چەكلەشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە كېيىن بۇ ئەپلەر چەكلەنگەن ئىدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى 7-ئايدا خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ماگناتى خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.