خىتاي ئەلىباباغا قارىتا مونوپوللۇق تەكشۈرۈشىنى باشلىدى

خىتايدا دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق سودا شىركىتى ئەلى بابا شىركىتىگە قارشى مونوپوللۇق تەكشۈرۈشى باشلاندى. ئەلى بابانىڭ خوجايىنى ما يۈننىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سۆزىدە، خىتاي پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىنى تەنقىدلىگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىتاي كوممۇنىست دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىيلەشتى.

«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى بۈگۈن خەلقتىن كەلگەن «ئەرزلەر» گە ئاساسەن ئەلى بابا شىركىتىنى مونوپوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان. دوكلاتتا، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ خىتايدىكى بىر چوڭ تېخنىكا شىركىتىگە ئېچىۋېتىلگەن تۇنجى مونوپولغا قارشى تەكشۈرۈش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئەلى بابا باياناتىدا، سودىنىڭ نورمال مۇساپىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەلى بابانى تەكشۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن خوڭكوڭ پاي بازىرىدا ئەلى بابا پاي چېكىنىڭ قىممىتى %8 تۆۋەنلىگەن.

خىتاي رېجىمى ما يۈننىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى يىغىندا قىلغان، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە قائىدىلىرىنى تەنقىد قىلغان سۆزىدىن كېيىن، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قەدەم تاشلاپ، ما يۈنگە ئائىت پۇل-مۇئامىلە تېخنىكا شىركىتى بولغان Ant Group نىڭ پايچەك بازىرىدا خەلققە ئېچىۋېتىلىشىنى توختىتىپ قويدى.
ئەگەر Ant Group نىڭ پايچەك بازىرىدا خەلققە ئېچىۋېتىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان بولسا، ما يۈننىڭ شىركىتى 34 مىليارد دوللار كىرىم قىلغان بولاتتى ۋە بۇ شىركەتنى تارىختىكى ئەڭ چوڭ خەلققە ئېچىۋېتىلگەن پاي تارقىتىشقا ئىمزا قويغان ئورگانغا ئايلاندۇراتتى.

جوڭ لۇن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مونوپولغا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسسىسى سكوت يۈ مۇنداق دېدى: «ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، ئەلى باباغا بۇلتۇرقى سېتىش سوممىسىنىڭ %10 گە قەدەر جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن».

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە تەۋە «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، بۇ تارىخى ۋەقە ھەققىدە سۆز قىلىپ، دۆلەتتىكى مونوپوللۇق مەسىلىسىنىڭ جىددىي مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئەلى باباغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنىڭ ئىنتېرنېت سانائىتىنىڭ مونوپولغا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خەۋەر 1065 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2020 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق