24 - دېكابىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 18102 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 195 مىڭ 675 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، يېڭىدىن 18102 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3218 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 254 كىشى قازا قىلىپ، 33985 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 935 مىڭ 292 گە، قازا قىلغانلار 19115 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 4805 گە يەتكەن. فاھرەتتىن كوجا يەنە نورمال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى، لېكىن خەتەرنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا ماسكا تاقاش، ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش ۋە تازىلىققا رىئايە قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.