نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا توختالدى

24 -دېكابىر شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىيسى مىنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم تۈركىيە ياشلار ۋەقفى كوجائېلى ئىزمىتتىكى ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن«ئۈممەت جۇغراپىيەسىدە ئايال بولۇش » ناملىق سىنلىق يىغىندا « شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى ئەھۋاللار » تېمىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تۇنۇشتۇردى. يىغىنغا 60 ئايال قاتناشقان بولۇپ بۇ قېتىملىق يىغىن پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت ۋە چەتئەللەردە بولىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېچىلغان.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمىيىتىنىڭ رەئىسى مىنەۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم يېقىنقى يىللاردا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ 5 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە ھەرخىل باستۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى يوق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي مىساللار بىلەن تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا مىنەۋەر خانىم يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ: بىز سىلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ دېگەن سوئالىغا، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىغان، لېكىن بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ئىنسانلارغا توغرىسىنى چۈشەندۈرۈشىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشىنى، چەتئەللەردە قىلىنىۋاتقان بۇ دەۋالارنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى، تۈركىيەدە بۇ زۇلۇمغا ئۇچرىغان شاھىتلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ خەۋەر 3914 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2020 21:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق