ھىندىستان گۈل خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يېقىندىن تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.
كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەرشارى جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ئىشلىرى باش ئەلچىسى مورسې تەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان بولۇپ، مورسې تەن بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ نەتىجىنى دوكلات قىلىدىكەن. ب م ت ئەھدىنامىسىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، «مىللىي، ئېتنىك، ئىرق ياكى دىنىي گۇرۇپپىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش نىيىتى بىلەن قىلىنغان نوپۇسنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش ياكى تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.
خەۋەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن جىنايەتلىرى ئاساسىدا، خىتاي ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى» دەپ قارالغان ئاساستا، خىتاي ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبراينمۇ ئۆكتەبىردە ئاقىللار ئامبىرىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولمىسا، ئۇنىڭغا يېقىن بىر ئىش يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى.