خىتاي ئاۋسترالىيەدىن ياغاچ ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاموژنىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاۋىستىرالىيەدىن ياغاچ ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاموژنا باش مەھكىمىسى 24-دېكابىر ئۈندىدار ھېساباتىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا: «يېقىندا، تيەنجىن، نەنجىڭ، شيامېن، گۇاڭجۇ، شېنجېن ۋە خۇاڭپۇنىڭ تاموژنىسى يەنىلا بۇرۇنقى باھانە بىلەن ئاۋستىرالىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ياغاچ ماتېرىياللاردا تىرىك زىيانلىق ھاشارەت بولغانلىقى سەۋەبلىك توختىتىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە ھاشارەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغدىنىش ئۈچۈن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش مۇددىتىنى ئۇزارتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋستىرالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى نۆۋەتتە ئەڭ تۆۋەن باسقۇچقا چۈشۈپ قالغان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاۋىستىرالىيەنىڭ خىتاينىڭ 5G تورى مەسىلىسىدىكى كەسكىن مەيدانى ۋە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى، شۇنداقلا ئاۋستىرالىيەنىڭ خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئاۋستىرالىيەدىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىغان. ئاۋستىرالىيەنىڭ خىتايغا سېتىۋاتقان تاۋارلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ئاساسەن دېگۈدەك خىتاي تەرىپىدىن چەكلەنگەن. چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئارپا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ياغاچ، كۆمۈر، شېكەر، كالا گۆشى، پاختا ۋە باشقا تاۋارلار بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋستىرالىيەنىڭ كۆمۈر ئىمپورتى توختىتىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كۆمۈر كەمچىل بولغان. قىش پەسلىدە خىتاينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە كۆمۈر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن توك يېتىشمىگەن. ھەممە جايدا بۇ ھالەت ئېغىرلاشقان.

بۇ خەۋەر 1042 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2020 21:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق