تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئادۋۇكاتلىقىنى قىلىش بىلەن مەشھۇر بولغان ۋەتەن پارتىيسى رەئىسى دوغۇ پەرىنچەكنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىگە تىل ئۇزاتقانلىقى ۋە قالايمىغان بىلجىرلاشلىرىغا قارشى 25_دېكابىر ئەتىگەندە ئىستانبۇلدىكى چاغلايان ئادالەت سارىيىدا ئۇنىڭ ئاساسسىز قىلمىشلىرىنىڭ جىنايەت شەكىللەندۈرۈدىغانلىقى ھەققىدە داۋا ئېچىلدى.
بۇ داۋا شەرقىي تۈركسىتان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيت تۈمتۈرك تەرىپىدىن ئېچىلغان بولۇپ، ئادۋۇكاتلار تەييارلىغان داۋا ماتىرىياللىرى سوتقا تاپشۇرۇلدى.
بۈگۈنكى سوتقا بېرىش يىغىلىشىنى قوللاپ يۈزلەرچە خەلقىمىز چاغلايان ئادالەت سارىيى ئالدىغا توپلانغان بولۇپ، سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى دوغۇ پەرىنچەكنى سوتقا بەرگەنلىكى ھەققىدە خەلققە تەپسىلى مەلۇمات بەردى ۋە ئەرزنامىدە نېمىلەر تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دوغۇ پەرىنچەكنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈنمۇ ئېغىر جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى كوممۇنىستلارنىڭ تۈركىيەدىكى زۇۋانى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دوغۇ پەرىنچەككە قارشى قانۇنى يول بىلەن ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بىرلىككە ئەزا بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ۋە خەلقىمىزگە بىلدۈرۈپ ئۇچۇر ئېلان قىلغان ئىدى.
ئوغۇزخان ئەپەندى: بۇ قېتىمقى داۋا باسقۇچىنىڭ تولىمۇ جىددى ئىكەنلىكىنى، پېرىنچەكنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنلىرى ئاساسىدا قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنى تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ ئۆزىلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىگە قىلىنغان ھاقارەت ۋە قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەخسۇس بۇ ئىش ئۈچۈن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن ئادۋۇكاتلارنىڭ يېقىندا خەلقىمىزگە تەپسىلى مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.