ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە خىتاي شىركەتلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 24- دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى خىتاينىڭ خۇسۇسىي كان شىركىتى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ 250 خىتاي پۇقراسى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى مالىمانچىلىق خىتاينىڭ سانائىتى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا، خىتاينىڭ تۆت خۇسۇسىي كان شىركىتى بۇلانغان بولۇپ، 250 خىتاي پۇقراسى تارقاقلاشتۇرۇلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەرلىك مالىمانچىلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بوزىزې ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن پرېزىدېنت كاندىداتى سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان. بوزىزى بۇنىڭدىن نارازى بولغان ۋە بىر قىسىم قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. 15-دېكابىردىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئافرىقا قوراللىق گۇرۇپپىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يالوكې رايونىدا قوراللىق توقۇنۇشقان. مالىمانچىلىق جەريانىدا، خىتاينىڭ تۆت خۇسۇسىي كان شىركىتىنىڭ 8 ئاپتوموبىلى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرى بۇ رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان. خىتاي 16-دېكابىر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى باش ئەلچىخانىسى دۆلەتنىڭ ژاندارما قوماندانى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق 17-دېكابىردىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، 250 دىن ئارتۇق خىتاي بىخەتەر رايونغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى مۇسۇلمان سېلېكا قوزغىلاڭچىلىرى پايتەخت بانگۇيدا ھوقۇقنى قولىغا ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن خرىستىئانلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇپ تۇرغان. توقۇنۇش مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە كۆچۈشىگە سەۋەب بولغان.

بۇ خەۋەر 1215 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2020 20:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق