خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ياشلارنىڭ پائالىيىتى 5 – كۈنىگە قەدەم قويدى

ئۇزۇندىن بۇيان ئىستانبۇلدا خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىۋاتقان قىز ئوغۇل ئۇيغۇر ياشلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى پائالىيىتى بۈگۈن 5 – كۈنىگە قەدەم قويدى. نامايىشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن نومۇسسىزلارچە تەلەپ بىلەن ئۇيغۇر ياشلارنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا مىللىتىگە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا خىيانەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان خەت چىققان ئىدى ۋە ياشلار مەزكۇر ئەخلاقسىز تەلەپنى يىرتىپ تاشلىغان ئىدى.

ياشلار پائالىيەتلىرىنى ھېلىھەم داۋام قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر، ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى قوللاپ كەلمەكتە.

ياشلارنى قوللاپ زىيارەتكە كەلگەنلەر ئارىىسدا شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار، ھۇدا پارتىيىسى ئىستانبۇل رەئىسى ئەردال ئېلىبۈيۈك ۋە باشقا جامائەت ئاقساقاللىرى بولۇپ، بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتان كۈلتۈر ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى ماھمۇدجان داموللام قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يۈزلەرچە كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

سييت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىدە؛ خىتاينىڭ ۋەتىنىمزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ھەرقانداق سىياسىي تەشكىلاتقا تەۋە ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا ئائىلىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرىدىن باشقا نە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، نە تەشكىلات بايرىقى كۆتۈرمىگەن ياشلارغىمۇ خىتاي كونسۇلخانا خادىملىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق ئىمزا ۋە تامغا بولمىغان ھالدا نومۇسسىزلارچە خائىن بولۇش تەكلىپى سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئۇ تەكلىپنى يىرتىپ تاشلىدى.
ھەرىكەتلىرىنى قىلچە بوشاشتۇرماستىن داۋام قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ياشلار كەڭ خەلقىمىزنىڭ بۇ سەپكە قېتىلىشى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

بۇ خەۋەر 1115 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2020 20:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق