ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان دوغۇ پەرىنچەك ھەققىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى زۇۋانى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دوغۇ پەرىنچەكنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەتلىرىگە تىل ئۇزاتقانلىقى ۋە قالايمىغان بىلجىرلاشلىرىغا قارشى قانۇنى يول بىلەن ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ۋە خەلقىمىزگە بىلدۈرۈپ ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

ئۆزىنىڭ رەسمىي سەھىپىسىدە ئۇچۇر ئېلان قىلغان ئوغۇزخان ئەپەندى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ ۋە بەرەكاتۇھۇ
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز خەلقىم!

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئەزەلى دۈشمىنى ۋە تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىسى دوغۇ پېرىنچەك ئادىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدە تۆھمەت ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ بۇ ھەقتە قانداق چارە تەدبىرلەرنى ئويلىشىۋاتقانلىقىمىزنى سورىغان بولدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەپداشلىرىمىزغا قىسقىچە ئىزاھات بېرىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. دوغۇ پېرىنچەكنىڭ ئو كۈنكى سۆزىدىن كېيىنلا، تۈركىيەدىكى تەجرىبىلىك ۋە ئىقتىدارلىق بىر ئادۋۇكاتلار بىيۇروسى بىلەن كۆرۈشۈپ، دوغۇ پېرىنچەكنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ماھىيىتى، نىشانى، داۋا كىشىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان ھەقىقەتلەر ھەققىدە ئېيتقان تۆھمەت، ھۇجۇم ۋە قايمۇقتۇرۇش خارەكتېرلىك سۆزلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئىنكار قىلىش قىلمىشلىرى ھەققىدە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن، نېمىلەرنى قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە مەسلىھەت ئېلىپ باردۇق ۋە دوغۇ پېرىنچەك، ۋەتەن پارتىيەسى مەنسۇپلىرى ۋە ئايدىنلىق گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بارلىق يازما ۋە ۋىدىئو بايانلىرىنى توپلاپ، ئادۋۇكاتلار بىيۇروسىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا تاپشۇردۇق. نۆۋەتتە ئادۋۇكاتلار دوغۇ پېرىنچەك ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنى قايسى شەكىلدە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش باسقۇچىدا. بۇ بايانات ئارقىلىق بارلىق خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشىنى ۋە بىزنى بۇ يولدا قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:
ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 5034 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2020 23:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق