ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بېلىقچىلىق كەسپى ساھەسىدە ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان بىرلەشمە دوكلاتىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بېلىقچىلىق كەسپىي ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سانائىتىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە مېتروئولوگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى پارلامېنتقا دوكلات سۇنۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىدە ئادەم ئەتكەسچىلىكى بار دۆلەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، خەتەرنى باھالاشنى تەلەپ قىلغان.
دوكلاتتا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدە ئادەم ئەتكەسچىلىكى خەۋپى ئەڭ يۇقىرى بولغان 29 دۆلەت كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تىزىملىكتە ھەر بىر دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ۋە قىممىتى خاتىرىلەنگەن. ھەمدە بازارغا سېلىنغان ھەر بىر دۆلەت دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش مەسىلىسى تەھلىل قىلىنغان.
دوكلاتتا: خىتاي بېلىقچىلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئېغىر بولغان ئاساسلىق دۆلەت ئىكەنلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاينىڭ بايرىقى ۋە خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى پاراخوتلار ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەر بار ئىكەن. خەلقئارادا خىتاينىڭ ھەر خىل چوڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرى بار بولۇپ، خىتاي مەزكۇر پاراخۇتلار ئارقىلىق قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، ئەمگەك مىنىستىرلىكى، شىتاتلار ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە بېلىقچىلىق كەسپىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىنى تۈگىتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى تەكىتلەنگەن.