ئالما شىركىتى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مىڭلىغان ئەپ دېتاللىرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالما شىركىتى خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن مىڭلىغان سىنلىق ئويۇن ۋە ئەپ دېتاللارنى ئەپ بازىرىدىن چىقىرىپ تاشلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ ئايدا خىتايدىكى يانفون كۆچمە ئەپ دېتال تارقىلىش بازارلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، يەنە بىر تۈركۈم ھەقلىق ئويۇنلار ئەپ بازىرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ شىركەت مىڭلىغان قوللىنىشچان دېتاللارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2016-يىلى خىتاي ئالما شىركىتىدىن قوللىنىشچان ئەپلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئىجازەت ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل ئاران 97 چەتئەل ئەپ دېتال ئويۇنى خىتاي تەرىپىدىن تەستىقلانغان. خىتاي بۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەپ بازىرىنى تازىلاپ ئىنتېرنېتنى تەڭشەش، مەزمۇن كونترول قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن. خىتاي ئالما شىركىتىدىن 100 دىن ئارتۇق ئەپنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى بۇ قوللىنىشچان ئەپلەرنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق سەۋەبىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرەلمىگەن.

يەرشارى قوللىنىشچان ئەپ دېتاللارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان Sensor Tower شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ بۇلتۇر خىتاينىڭ قوللىنىشچان ئەپ بازىرىدا 272 مىڭ قوللىنىشچان ئويۇنى بار بولۇپ، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن 2020-يىلى ئالما شىركىتى كەم دېگەندە 94 مىڭ ئەپ دېتالىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1230 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2020 23:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق