قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئەھۋالىدىن يەنە بىر كۆرۈنۈش ئاشكارىلاندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى جازا لاگېرىنىڭ زاۋۇتىدا قۇل ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى ئاشكارىلاندى. سىنلاردا چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ ئىچىدە يۈزلەرچە ئايالنىڭ سىنىپ پارتىلىرى شەكلىدە تىزىلغان ئىش ئۈستەللىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، ئالدى بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچىغا سالام بېرىۋاتقانلىقى، كېيىن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتاينىڭ دۆلەت مارشىنى خىتايچە ئېيتىدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچى ئولتۇرۇڭلار دەپ رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ ئىش باشلايدىغانلىقى، بۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ ھەرخىل، ھەر نۇسخىدا كەشتىلەر ئىشلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختىن بۇيان قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. تاجاۋۇزچى خىتاي سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگىرلىرىغا سولىۋالغان ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، بۇنى بىر سېخ ھالىتىگە ئەكىلىپ لاگېردىكى ئاياللارنى كەشتە توقۇشقا مەجبۇرلىغان ۋە ئۇلارنىڭ قان تەر بەدىلىگە توقۇغان كەشتىلىرىنى خەلقئارا بازارلاردا قىممەت باھادا ساتماقتا.

تاجاۋۇزچى خىتاي جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى سەۋەبسىز ئۆلتۈرۈلۈپ يوق قىلسا، يەنە مىليونلارچىسىنى قۇل ئورنىدا ھەر تۈرلۈك مەجبۇرى ئەمگەككە سالماقتا.

بۇ خەۋەر 3591 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2020 21:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق