خىتاي 2 مىليونغا يېقىن دېھقانغا «يەر كېنىشكىسى» تارقاتتى

ئاتالمىش شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ كوپراتىپ تۈزۈمىنى يولغا قويوپ، 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق دېھقانغا «يەر كېنىشكىسى» تارقىتىپ بەرگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بورتالا ئاپتونۇم ئوبلاستى بۆرتالا شەھىرىدە 2017 - يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئوبۇرت قىلىش نامىدا مەزكۇر شەھەرگە تەۋە 13 كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئوبۇرت قىلىپ تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. 2020-يىلغا كەلگەندە شەھەردىكى 43 يېزىدا دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتۇرۇپ يەرلىرىنى ئوبۇرت قىلىشنى ئومۇملاشتۇرغان. ھازىرغا قەدەر بۆرتالا شەھىرىدىكى 13 مىڭ 700 دىن ئارتۇق دېھقان يەرلىرىنى ئاتالمىش كوپراتىپقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. يېزىلاردىكى يەر ھوقۇقىنى تىزىملاش ۋە تارقىتىش نىسبىتى% 100 كە يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سىياسەت دەسلەپتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەتتە يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە تىزىملاش كېنىشكىسى تارقىتىش تاماملانغان ۋە ھازىرغىچە كوپراتىپ نامىدا ھۆددىگە ئېلىغان ئومۇمىي يەر مەيدانى 5 مىليون 710 مىڭ گىكتارغا يەتكەن. دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى «ئوبورت قىلىش» نامىدا تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى% 99.02 گە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 3742 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2020 20:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق