تارىم نېفىتلىكىنىڭ يىللىق تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 22- دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىم نېفىتلىكىدىن بۇ يىل 30 مىليارد 159 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىرىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تارىم نېفىتلىكىدىن بۇ يىل 6 مىليون 100 توننا نېفىت سۇيۇقلۇقى، 30 مىليارد 159 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان. نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 30 مىليون 31 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق ۋە 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ تەبىئىي گازلىق رايونى قۇرۇپ چىققان. تارىم نېفىتلىكى خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشتە مۇھىم رايونغا ئايلانغان. شەرقىي تۈرركىستان خىتاينىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، زاپاس ساقلاش ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بولۇپ قالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلىمىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق مىقدارى خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. خىتاي 31 يىلدىن بۇيان تارىمدا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى 32 نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىقنى ئاچقان بولۇپ، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 400 مىليون توننىدىن ئاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «13-بەش يىللىق پىلانى» دىن بۇيان، خىتاي تارىمدا چوڭقۇرلۇقى 7000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقتىن 223 نى، چوڭقۇرلۇقى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇقتىن بەشنى بۇرغىلاپ تەكشۈرگەن. تارىم نېفىتلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك زاپىسى جەمئىي 2 مىليارد توننىغا يېقىنلاشقان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە، كەلگۈسىدە تەبىئىي گاز رايونىنى مەركەزلىك قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى 40 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش، 2035-يىلىغا بارغاندا 50 مىليون توننىدىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 3892 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 20:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق