شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرى ئەمگەك كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى بىر ئېتىزلىقتا ئوتتۇرا ياشتىكى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ پاختا تېرىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ خىتايلارغا بېرىش سىياسىتى نەتىجىسىدە مەزكۇر ئىتىزلىققا ئېرىشكەن خىتاي تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنىپ تارقىتىلغان. مەزكۇر خوجايىن خىتاي خىتاي تورداشلارغا ئۇيغۇرلارنى قانداق قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك پاختا تېرىۋاتقان بىر ئايالدىن تېرىۋاتقان پاختىسىدىن قانچە پۇل تاپالايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇيغۇر ئايال ئۇنىڭغا: بىر كىلو پاختىنى بىر يۈەنگە تېريدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تارقالغان باشقا بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم شەھىرىدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئەر ئاياللارنىڭ ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىق كۆرۈنۈشى تارقىتىلغان.

يەنە بىر سىندا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياڭاق ئاقلاش زاۋۇتىدا ياڭاق ئاقلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سىنلار تارقىلىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىر كىلو ياڭاقنى بىر يۈەنگە ئاقلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

سىندىكى مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئىشلەۋاتقان يەرنىڭ يېنىدىكى كەڭ كەتكەن جايغا سېلىنغان پاكار ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېرىزىسىگە تۆمۈر رېشاتكا ئورنىتىلغانلىقى، كىرىش ئېغىزىغا كامىرا ئورنىتىلغانلىقى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ لاگېرغا سولانغانلار بولۇش ئېھتىمالىنىمۇ كۈچەيتتى.

تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يەر-زېمىنلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغىنى يەتمىگەندەك، قان تەر بەدىلىگە كەلگەن يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلغان خەلقنى ئۆز تۇپرىقىدا قۇل ئورنىدا ئىشلەتمەكتە.

بۇ خەۋەر 4094 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 19:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق