مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ ۋاپاتى خاتىرىلەندى

22- دېكابىر ئسىتانبۇلدا مەرھۇم ئۈستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋاپاتىنىڭ تۆت يىللىقىنى خاتىرىلەش تور يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

تور يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار «مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە پىكىر- چۈشەنچىلىرى» تېمىسىدا، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان «مەرھۇمنىڭ غايە ۋە مەقسەتلىرى ۋە خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان ئىسكەنجە كۈنلىرى» تېمسىدا، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان «مەرھۇمنىڭ خىزمەت -پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى» تېمىسدا، قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرىستېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا «مەرھۇمنىڭ بالىلىق چاغلىرى ۋە مىسردىكى ئوقۇش جەريانى» تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىم «قاغىلىقتىكى دىنىي مەدرىسىنىڭ سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئۆرنىكى- مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم 2016-يىلى 22- دېكابىر ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى مۇھىم بىر يوقۇتۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەرھۇم ئۇستاز ھايات ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەر ساھەدە چىڭ تۇتۇپ تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ روياپقا چىقارغان نۇرغۇن خىزمەتلەر ھېلىھەم خەلقىمىزگە خىزمەت قىلماقتا. شۇنداقلا ئۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى جىھادىي ھەرىكەتتىن باشقا ۋاستىلار بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەر ۋاقىت تەكىتلىگەن رەھبەت بولۇپ، بۇ پىكىرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى.

ئاللاھ مەرھۇم ئۇستازغا شېھىتلىك ماقامى بەرسۇن! ياتقان يېرىنى جەننەتۇل فىردەۋىس قىلسۇن!

بۇ خەۋەر 3699 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 19:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق