شەرقىي تۈركىستان كوچىلىرى چۆلدەرەپ قالدى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى كوچىلارنىڭ قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تۇرپان شەھىرىگە ساياھەتكە بارغان خىتاي سىندا ئۆزىنىڭ ھازىر تۇرپان شەھىرىدىكى مەلۇم بىر كوچىدا ئىكەنلىكىنى، لېكىن شۇنچە چىرايلىق كوچىلاردا بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلىقىنى، پۈتۈن دۇكانلارنىڭ تاقاقلىقىنى، بەزى دۇكانلارغا خىزمەت بېرىۋاتىدۇ دەپ خەت چاپلاپ قويۇلغان بولسىمۇ يەنىلا تاقاق ئىكەنلىكىنى، يەنە بىر كوچىدا ئېچىلغان سەي بازىرىدىمۇ بىر قانچە ئادەمدىن باشقا ئادەم يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر كوچىدا بىر قانچە ئۆيدىلا ئادەم بارلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈشى نەتىجىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر - كوچىلىرى ئىنسان يوق چۆللۈككە ئايلىنىپ قالدى. بۇندىن بۇرۇن تارقالغان قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەرگە ئائىت سىنلاردىمۇ كوچىلاردا ئادەم قالمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. تاجاۋۇزچى خىتاي جازا لاگېرلىرىغا سولانغان مىليونلارچە ئىنساننى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنكار قىلسىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارقىلىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىنىڭ، بۇرۇن ئاۋات شەھەر كوچىلارنىڭ ھازىر چۆلدەرەپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 3665 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2020 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق