خىتاي ئەمەلدارى: يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى بوشاشتۇرۇپ قويمايمىز

يېڭى شەپەق تورىنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات بۆلۈمى مۇئاۋىن باشلىقى شۈ گۈيشاڭ بېيجىڭدىكى بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇخبىرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى بوشىتىش-بوشاتماسلىق ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىز يەنە سەل قارىساق بولمايدۇ، چۈنكى تەھدىتلەر ھازىرمۇ بار. تۆت يىل تېررورلۇقتىن خالىي بولۇش ھەرگىزمۇ خەتەر ۋە تەھدىتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ رەت قىلغان، شۇنداقلا 2014-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نىڭ ياردىمى بىلەن، 117 مىڭ كىشىنىڭ خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا ئىشلىگىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان.

شۈ گۈيشاڭ سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى ھەققىدە توختىلىپ: «شىنجاڭدىكى شىركەتلەر ئامېرىكا بازىرى ياكى بەزى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 4089 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2020 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق