نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى توختىماي بايقىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا خەلق ئېشەك باقمىچىلىقىغا مەجبۇرلانماقتا

«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىدىكى مۇكۇيلا بازىرىغا ئاتالمىش «نامراتلارنى بېيىتىش» نامىدا ئېشەك باقمىچىلىق مەركىزى قۇرغان بولۇپ، بۇ مەركەزدە 18 مىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئېشەك باقمىچىلىق ئورنى 2017-يىللىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇنغا مەخسۇس خوتەننىڭ يەرلىك قارا ئېشەكلىرىنى يىغىپ باققان. ھازىرغىچە باقمىچىلىق ئورنىدىكى ئېشەكلەرنىڭ سانى 42 مىڭغا يەتكەن. بۇ باقمىچىلىق ئورنى ئېشەك باقمىچىلىقىنى گۇما ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى كەنتلىرىگە كېڭەيتىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى تۆۋەن مائاش بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەركەز يەنە «دېھقانلار ئېشەك باقمىچىلىق ھەمكارلىق ئەندىزىسى» نامىدا ناھىيەدىكى بارلىق يېزا-بازارلارنى قاپلىغان بولۇپ، باقمىچىلىق پونكىتى بىلەن ئېشەك سۈتى سېغىش پونكىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. يەرلىك ئاھالىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق، ئېشەك سۈتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەسىس قىلىنغان. ئارقا-ئارقىدىن 55 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق قوتاننى ئۆزگەرتىپ، بىر تۈركۈم يېزا دەرىجىلىك باقمىچىلىق پونكىتى قۇرغان. بۇ ئۈچ يىل ئىچىدە بۇ يەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 18 مىڭغا يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نۆۋەتتە ئېشەك سۈت پاراشوكى، ئېشەك گۆشى ئۇششاق يېمەكلىكلىرى ۋە يېڭى ئېشەك سۈتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى خىتاي ئىچى ۋە چەت ئەلدىكى بازارلاردا ساتماقتا ئىكەن. 300 گىراملىق بىر قۇتا ئېشەك سۈت پاراشوكىنىڭ بازار باھاسى 1200 يۈەندىن يۇقىرى ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم سىنلار تارقالغان. مەلۇم بىر ئېشەك باقمىچىلىق ئورنىغا مەسئۇل خىتاي بۇ ئورۇننىڭ 2017-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغانلىقىنى، ھازىر قول ئاستىدا 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆرپ-ئادىتىگە، ئېتىقادىغا زىت كېلىدىغان، ھاقارەت ھېسابلىنىدىغان ئېشەك سۈتى ئىشلەپچىقىرىش، چوشقا باقمىچىلىقى قاتارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارغا مەجبۇرلىماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى جەھەتتىن باستۇرۇشنى مەقسىتىگە يەتمەكتە.

بۇ خەۋەر 4091 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2020 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق