خەلقئارا ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

19 -دېكابىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان 71 ئاممىۋى تەشكىلاتتىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى 2020 -يىللىق سىنلىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ئاچتى.

يىللىق خۇلاسە يىغىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا، ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان مۇنبەر ھەققىدە دوكلات بېرىلدى. قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى خۇلاسىلەندى ھەمدە كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى ئۈستىدە مەسلىھەت ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

يېغىنغا يەنە جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابدۇقادىر ياپچان ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى ئەپەندى ئالاھىدە ئىشتىراك قىلىپ مۇھىم سۆز قىلدى.

بۇ خەۋەر 3804 قېتىم كۆرۈلدى
22/12/2020 10:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق