ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قانداق كونترول قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» بىلەن «ProPublica» بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تور نازارەت قىلىش ئۈسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىپ ھەقىقەتنى يېپىش ئۇسۇلىنى ئاشكارىلىغان. «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ProPublica» ئېرىشكەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى ۋىرۇس كەڭ كۆلەمدە تارقالغان 1-ئاينىڭ بېشىدا يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى چەكلەشكە باشلىغان. يۇقۇم تارقالغاندىن كېيىن دائىرىلەر خىتاي ئۇچۈن سەلبىي بولغان ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىشكە باشلىغان. خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ۋۇخەنگە ئەۋەتىلگەن تىببىي خادىملارنىڭ قەھرىمانلىق تىرىشچانلىقى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ تۆھپىلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. كومپارتىيە ئەزاسى ۋە خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلغۇچى لى ۋېنلىياڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەندە، دائىرىلەر لى ۋېنلىياڭغا ئائىت نۇرغۇن خاتىرە ئورۇنلارنى قامال قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي تور بوشلۇقى باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تور بەتلەردە «ساقايماس» ۋە «ئەجەللىك» قاتارلىق سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكنى، كىشىلەرگە قارىتلغان ساياھەت چەكلىمىلىرىنى تەسۋىرلىگەندە «تاقالدى» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەسلىك، تاراتقۇلارغا يەنە چەتئەللەردىن ئىئانە ئېلىش ۋە چەتئەلدىن داۋالاش ئەشيالىرى سېتىۋېلىشنى ھەددىدىن زىيادە تەشۋىق قىلماسلىق قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋىرۇسنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە ۋىرۇسنىڭ ۋە يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى قاتتىق تەشۋىق قىلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنى ئىقتىدارلىق قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.