ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى...


27-فېۋرال ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا «توقۇنۇش رايونلىرىدىكى ئىنسانىي دىپلوماتىيە» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى تۈرك ياشلىرى ۋەقفى بىلەن ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتى كۇلۇبى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرىپ تۈگىتىشنى پىلانلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، خەلقنى دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 13359 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2019 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق