خىتاي ۋاكسىنىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە سىناق قىلماقچى

توغرا خەۋەر تورىنىڭ 20 -دېكابىر كۈنى بەرگەن خەۋرىدە، تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىن (2021 -يىلى 2 -ئاينىڭ 21 -كۈنى) ئىلگىرى 50 مىليونغا يېقىن ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خەۋەردە يەنە بېيجىڭنىڭ سىنوفارما ۋە سىنوۋاك بىئوتېخنىكا شىركىتىدىن 100 مىليون قۇتا ۋاكسىنىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە تارقىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

گەرچە بۇ ۋاكسىنا تېخى رەسمىي تەستىققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان پۇقرالىرىغا ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسىنى يولغا قويماقچى بولغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ۋىرۇسقا قارشى بەش خىل ۋاكسىنىسى بار بولۇپ، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تېخى رەسمى تەستىقتىن ئۆتمىگەن ۋە ئاخىرقى تەجرىبىلىرىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئېلان قىلىنمىغان.

خەۋەردە يەنە بىر ئۆلكىلىك سەھىيە ئەمەلدارىنىڭ يەرلىك تاراتقۇلارغا بۇ ۋاكسىنىنىڭ خىتاي كالېندارىنىڭ يېڭى يىل بايرىمىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئاھالىلەرگە ئەملىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغا قەدەر 118 مىڭ قۇتا ۋاكسىنا شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ 5-فېۋرالغىچە بارلىق خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى پىلانلىغان بولۇپ ، ۋاكسىنا ئەملەش پىلانىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەرگە ئىشلىتىدىكەن.

دائىرىلەر بۇ ۋاكسىنىنى كىمنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقارغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق خىتاي ئۆلكىسى ئاھالىسىگە ئۇمۇمىيۈزلۈك ۋاكسىنا ئەملەش پىلانى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستانغا بۇنداق بىر پىلاننى ئېلان قىلىشى كۈچلۈك ئەندىشە قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 3628 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2020 21:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق