تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 246 كىشى قازا قىلدى

20 -دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 20316 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 158 مىڭ 892 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 20316 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 3546 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 246 كىشى قازا قىلىپ 21218 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 800 مىڭ 286 گە، قازا قىلغانلار 18097 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5347 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسىلى ئېغىر بىمارلار ۋە نورمال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. تەدبىر ۋە چەكلىمىلەر نەتىجىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى ئالىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز، بىرلىكتە كۆرەش قىلىش بۇ يۇقۇمدىنمۇ كۈچلۈكتۇر دېدى.

بۇ خەۋەر 949 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2020 21:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق