خىتاينىڭ نېپالدىكى پىلانى مەغلۇپ بولدى

فىرانسيە خەلقئارا رادىئوسنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال باش مىنىستىرى ئولى تۇيۇقسىز پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ۋەقە خىتاينىڭ پىلانىنى بەربات قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال باش مىنىستىرى خادگا پراساد شارما ئولى(Khadga Prasad Sharma Oli)دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى بىديا دېۋى باندارىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، كېلەر يىلى 30-ئاپرېل ۋە 10-ماي ئىككى باسقۇچ بويىچە قايتا سايلام قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تاراتقۇلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ تۇيۇقسىز ھەرىكەت نېپال كومپارتىيەسى ئىچىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە نېپالدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كۆلەڭگۈسى بولۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاينىمۇ ھەيران قالدۇرغان.

ھىندىستان تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خو يەنچىنىڭ نېپالنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا داۋاملىق مەخپى ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىرلەشمە خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، نېپال باش مىنىستىرى ئولى بۈگۈن پارلامېنتنى تۇيۇقسىز تارقىتىپ، پارتىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ نېپالنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سوققان چوتلىرى بەربات بولغان.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئولىنىڭ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھەرىكىتى پارتىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى ساراسىمىگە سالغان. بۇ ئىشتىن خەۋەردار كىشىلەر«باش مىنىستىر ئولىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنى ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، پراچادا رەھبەرلىكىدىكى نېپال كومپارتىيەسىدىدىكى ماۋچىلارنى (ماۋزېدۇڭ سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەر) پارچىلاشنى مەقسەت قىلدى» دېيشكەن.

بىلدۈرلۈشىچە، خىتاينىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خو يەنچى نېپال كومپارتىيەسىنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ خىتايغا پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، نېپال كوممۇنىست رەھبەرلىرى بىلەن بۇ يىل ئاپرېل ئايلىرىنىڭ ئاخىرى كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دەسلەپتە ئولىنى قوللىغان، ئەمما بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئولىنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان. باش مىنىستىر ئولى خو يەنچىگە ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئېيتقان. خو يەنچى داۋاملىق مەخپى ھالدا نېپالنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ نېپالدىكى سىياسىي تەرەققىياتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. خو يەنچى سابىق باش مىنىستىر پراچادانىڭ ئولىنى ئاجىزلاشتۇرۇشىغا مەخپىي ياردەم بېرىپلا قالماستىن، بەلكى ئولىنى چۈشۈرۈۋېتىش ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بامدېۋ گاۋتامنىڭ ئورنىنى ئېلىش پىلانىغا قاتناشقان. باش مىنىستىر ئولىنىڭ دۆلەت مەجلىسىنى تارقىتىۋېتىشى خىتاينىڭ رەزىل پىلانىنى بەربات قىلغان.

بۇ خەۋەر 1210 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2020 20:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق