ياپونىيە گېرمانىيەنى شەرقىي ئاسىياغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشكە چاقىردى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇ كىشى گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ 2021-يىلدىكى ئامېرىكا-ياپونىيە ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە شەرقىي ئاسىياغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ياپونىيە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان. نوبۇ كىشى بۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى پاراخوتلىرىنىڭ رايوندىن ئۆتۈش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاراللار ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تەلىپىنى كۆزگە ئىلماي خالىغانچە ھەرىكەت قىلغان. شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيە جەنۇبىي دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتكەن. خىتاي دەسلەپتە بۇ رايوندىكى ئاراللارغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم چوڭ ئاراللاردا كەڭ كۆلەمدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈرلىرىنى يولغا قويغان ھەمدە ھاۋا يولى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش پونكىتى قۇرۇپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بىۋاستە كونترول قىلىنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. چۈنكى ياپونىيەنى ئاساسلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدىكەن. نوبۇ كىشى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: « گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەردە ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يول باشلاش ئەركىنلىكى ۋە قانۇن سىستېمىسىغا ئەمەل قىلىش نىشانىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك مۇھىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1008 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2020 20:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق