جۇڭغار ئويمانلىقىدا ئون مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز بايقالدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇڭغار ئويمانلىقى جەنۇبىي گىرۋىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىي قۇتۇبى ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بىرىنچى قۇدۇقتا زور مىقداردا تەبىئىي گاز بايقالغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە گاز ئامبىرىنىڭ كۆلىمى ئون مىليارد كۇب مېتىر ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

ئىگىلىنىشچە ، جۇڭغار ئويمانلىقى جەنۇبىي گىرۋىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايونىنىڭ كۆلىمى 15000 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە پايدىلىق رايوننىڭ كۆلىمى 160 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ قېتىم 7367-7382 مېتىر دائىرىسىدىكى قۇدۇق بۆلىكىدە يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سانائەت نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېقىمى بايقالغان. كۈندىلىك تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 610 مىڭ كۇب مېتىر ، كۈندىلىك خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 106.3 كۇب مېتىر ئەتراپىدا بولىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقى جەنۇبىي گىرۋىكىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە تۇنجى قېتىم تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قۇتۇبى بىرىنچى قۇدۇقتىكى تارىخىي بۆسۈش ئىكەن. بۇ رايوننىڭ غايەت زور تەبىئىي گاز يوشۇرۇن كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان نېفىتلىكىنى تېز سۈرئەتتە ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىتاي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تىجارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى يولغا قويغان ھەمدە كۈچەپ كۈچەپ قىدىرىپ تەكشۈرۈپ، بىرلا ۋاقىتتا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن.

بۇ خەۋەر 3824 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2020 21:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق