ناتو باش كاتىپى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى توغرىسىدا توختالدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىن S-400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە ۋە ناتونىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى چارە يوللىرىنى ئىزدەشكە چاقىرىمەن» دېدى. باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا قاراتاغ باش مىنىستىرى زىدراۋكو كرىۋوكاپىچ ​​بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەگە جازا يۈرگۈزۈش قارارى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى. «ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىر-بىرىگە ئېمبارگۈ يۈرگۈزۈۋاتقان بىر مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلانماقتىمەن» دېگەن باش كاتىپ يېنس سىتولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ S-400 سىستېمىسى سېتىۋېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ بىر مىللىي قاراردۇر. لېكىن، S-400 سىستېمىسى ناتو سىستېمىلىرىغا ماس ئەمەس. بۇلارنى ناتونىڭ ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن ماشلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئالاقىدار ئەندىشەمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. شۇنداقتىمۇ تۈركىيە ۋە ناتونىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى چارە يوللىرىنى ئىزدەشكە چاقىرىمەن... نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە، تۈركىيە ۋە ناتوغا نىسبەتەن قىيىن بولغان بۇ مەسىلىگە بىر ئاماللارنى قىلىىپ ئىجابىي چارە تېپىشقا مەركەزلىشىشىمىزدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ئامېرىكا رۇسىيەدىن س- 400 ھاۋا مۇداپىئە قالغان سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقىنى باھانە قىلىپ تۈركىيەگە بىر قاتار ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 1166 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2020 21:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق