تۈرك ئەسكەرلەر قاراباغدا مىنا تازىلاشنى باشلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، «قاراباغدا مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلاش» خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى مىنا ئىزدەش ۋە تازىلاش ئالاھىدە ئەترىتىدىكى 136 خادىمنىڭ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان قاراباغدا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، «ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرى قەھرىمانلارچە پىداكارلىق بىلەن  كۈرەش قىلىپ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلغان قاراباغدا مىنا ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تازىلاش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى مىنا ئىزدەش ۋە تازىلاش ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ رايوندىكى مىنا تازىلاش خىزمەتلىرىگە ياردەمچى بولۇش بىلەن بىرگە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى خادىملىرىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە رايونغا يېتىپ بېرىپ، ۋەزىپە ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ خەۋەر 1302 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2020 21:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق