شەرقىي تۈركىستاندا سىرلىق ئۆلۈملەر كۆرۈلمەكتە


بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم بىر شەھرىدىكى بىر ئائىلىدە بىر كېچىدە ئەر- ئايال ئىككى كىشىنىڭ تۇيۇقسىز تەڭلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنى سىنغا ئالغان كىشىنىڭ «قېرىنداشلار ئەر - ئايال ئىككەيلەن بىر كۈندە تۈگەپ كېتىپتۇ، كۆردۈڭلارمۇ قېرىنداشلار» دەپ نالە قىلىپ يىغلاۋاتقان كۆرۈنىشى كۆرسىتىلگەن سىندىكى كۆرۈنۈشلەر يىغا-زارە ئاۋازلىرى ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەقەدەر ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى، ئىلاجىسىزلىقىدىن بېشىغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈپتىن يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك جىنايەتلەرنى ئەڭ دەھشەتلىك شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، جازا لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان خەلقىمىزنىڭ سىرتتا ئىگە-چاقىسىز قالغان ياشانغان ئاتا – ئانىلىرى ۋە كىچىك پەرزەنتلىرىمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى، ھەربىر ئۇيغۇرغا مەجبۇرى تېڭىلىۋاتقان ئاتالمىش قوشماق تۇققان سىياسىتىدىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ پەسكەش ئۇسۇلدا خورلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدەك سىرلىق ئۆلۈملەرنىڭ سەۋەبىنى ھېچقانداق شەكىلدە سۈرۈشتە قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، خەلقىمىزنىڭ ئۆي-زېمىن، يەرلىرىنى ئاققۇن خىتايلارغا مۇكاپات سۈپىتىدە تارقىتىپ بېرىۋاتقان خىتاينىڭ بۇلاڭچىلىق سىياسىتى ئالدىدا توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقىمىزنىڭ سۇيىقەست بىلەن يوقىتىلىشقا ئۇچراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك گۇمانلارنىمۇ پەيدا قىلماقتا.


بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان يەنە بىر سىندا خىتاينىڭ سۈرگۈن قىلىشىغا ئۇچرىغان بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆزىنى زىيارەت قىلغان خىتاي مۇخبىرغا ھازىرقى ئەھۋالىنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەن. ئۇ مۇخبىرغا: «ھازىر ئۆزىنىڭ كىيىم تىكىش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بۇرۇن ئۆيىدىكى ۋاقتىدا تاماق ئېتىش، بالىغا قاراش، ئېتىز ئىشى قىلىشتىن باشقا ئىش قىلمايدىغانلىقىنى، يۇرتىدىن كۆچكەندىن كېيىن يولدىشى ۋە ئۆزىنىڭ مائاشلىق ئىشچى بولغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ ئۇلارغا بىر تۇتاش سېلىنغان ئۆيلەردىن تەقدىم قىلغانلىقىنى، بالىسىنىڭمۇ ئوقۇشىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئەگەر ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈپ چىقمىغان بولسا بۇنداق ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، تۇرۇۋاتقان ئۆيى بىلەن ئىش ئورنىنىڭ 5 مىنۇتلۇق يول ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كوممۇنست دۆلىتىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن».
تارقالغان سىندىكى كۆرۈنۈشلەردىن ۋە مۇخبىرغا ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەن ئايالنىڭ سۆزلىرىدىن: سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە بويىچە سۈرگۈن قىلىنىدىغانلىقى، ئەمىن ئۆيلەر نامىدىكى 24 سائەت كۈزىتىلىپ تۇرۇشقا مۇۋاپىق بولغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقى، مەجبۇرى ھالدا لاگېر شەكلىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغانلىقى ئاشكارىلاندى
.          

 

 

بۇ خەۋەر 3720 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2020 21:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق