ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىغا يەنە مەكتۇپ ئەۋەتىپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە سەل قارىدى دەپ ئەيىبلىدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سەل قارىدى دەپ ئەيىبلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، بىز تىبەت خەلقى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا تىبەت تورى قاتارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرى 16-دېكابىر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ ۋە بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە ئەزاسى خۇئەن ئانتونىيو سامارانچ قاتارلىق رەھبەرلەرگە ئوچۇق خەت ئەۋەتكەن.
ئوچۇق خەتتە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ۋە سېستىمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمدى دەپ ئەيىبلىگەن.
ئىگىلىنىشچە، خىتاي 2015-يىلى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ بەرگەن ۋەدىنامىسىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. يۇقىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كومىتېتتىن دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ۋەدىنامىسىدە ئاخباراتقا چەكلىمە قويماسلىق ۋە نامايىشقا يول قويۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئەمما بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئەسلەتكەن.
ئوچۇق خەتتە يەنە، بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىسپات تاپشۇردۇق. ئەمما، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ دوكلاتلارغا قارىتا ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى ۋە خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشى، سېستىمىلىق ھالدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمدى دېگەنلەر تىلغا ئېلىنلغان.