تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 246 كىشى قازا قىلدى



18 - دېكابىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 26410 غا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 205 مىڭ 809 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 26410 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.

نۆۋەتتە 4103 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 246 كىشى قازا قىلىپ31945 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 753 مىڭ 552 گە، قازا قىلغانلار 17610 غا، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5707 گە يەتكەن.
فاھرەتتىن كوجا يەنە تەدبىر ۋە چەكلىمىلەر نەتىجىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. كۈنلۈك يۇقۇم سانى تۆۋەنلەۋاتىدۇ، لېكىن ئۆيدە كېسەل يۇقۇش نىسبىتى يۇقۇرلاپ كەتتى. ئۆيدە قالغاندىمۇ تەدبىرلەرگە بويسۇنايلى، نەتىجىگە ئېرىشكۈچە كۈرەش قىلايلى دېدى.

بۇ خەۋەر 1017 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2020 20:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق