فرانسىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھالقىلىق مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېلېكتر شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن بەزى ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىگە قارشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نامى بىلەن خىتاي ئېلېكتىر ئۈسكىنىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشىگە قەتئىي قارشى تۈرىمىز» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئامېرىكا ئىزچىل بازار رىقابىتى پرىنسىپى ۋە خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، يەر شارى سانائەت زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ جۆيلىدى.
ۋاڭ ۋىنبىن سۆزىدە يەنە: «بىز ئامېرىكىنى ئىقتىساد ۋە سودا مەسىلىلىرىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى توختىتىشقا، خىتاي-ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە سودا ھەمكارلىقىنى ئادىل ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغان مۇھىت بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 17-دېكابىر بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، مۇھىم مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، تور ۋە باشقا ھۇجۇملاردىن قوغداش ئۈچۈن، خىتايدىن بەزى ئېلېكتىر سېستىمىسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.