ئامېرىكا خىتاينىڭ يەنە 60 نەچچە شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈۋرۈلۈشىچە، ئامېرىكا يەنە خىتاينىڭ يېرىم ئۈتكۈزگۈچ شىركىىتى SMIC ۋە ئۇندىن باشقا 60 نەچچە خىتاي شىركىتىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى SMIC نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار 60 نەچچە شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قىلىمىشىنى چەكلەش ئۈچۈن قوللانغان ئەڭ يېڭى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 18-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ قېتىم جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئىكەنلىكنى، بۇ شىركەتلەر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم 77 شىركەت ۋە ئۇلارنىڭ تارماق ئورۇنلىرى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇلار ئىچىدىكى 60 شىركەتنىڭ خىتاي شىركىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبور روس باياناتىدا: «نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسى ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا قاتناشقانلىقى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈلۈشىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە ئائىت پاكىتلار بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز قاراپ تۇرۇپ رەقىبىمىزنىڭ تېخنىكىمىزنى ئىشلىتىپ ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا يول قويمايمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر شىركەتلىرى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بەزى تېخنىكىلىرىنى سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن. ئۇ چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول قويمايدىكەن. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەربىي ساھە بىلەن پۇقرالارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى چەكلەيدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قويغان جازالىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك نامى بىلەن خىتاي شىركەتلىرىگە خالىغانچە بېسىم قىلىشنى توختىتىشى كېرەك، ئامېرىكا جازانى دىئالوگ ۋە كېڭىشىشكە ئۆزگەرتىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىدى.

بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2020 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق