ياۋرۇپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا چاقىردى

ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى يېقىندا ماقۇللانغان «يەرشارى كىشىلىك ھوقۇق جازا قانۇنى» نى ئىشلىتىپ، شەرقىي تۈركسىتاندىكى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن چىقىرىش تارمىقى ئۆتكەن ھەپتە «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆز ئالدىغا «يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق جازالاش تۈزۈمى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ماقۇللىغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ قانۇننى ماقۇللاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ياۋروپا پارلامېنتى-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى رېينخارد بۇتىكوفېر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزمى بويىچە جازالىنىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەتلەرگە مەسئۇل مۇدىرى جوسېپ بوررېلمۇ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىككە قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈش پىلانى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

ياۋروپا پارلامېنتى بولسا بۈگۈنكى چاقىرىقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىدا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە بىڭتۈەن قاتارلىق مۇئەسسەسىلىرىنى تېزدىن جازالىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 1064 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2020 22:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق