تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 243 كىشى قازا قىلدى

17 - دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 27515 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 206 مىڭ 102 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 27515 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 4209 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 243 كىشى قازا قىلىپ 30494 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 721 مىڭ 601 گە، قازا قىلغانلار 17364 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5803 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە ئۇزۇن بىر ۋاقىتتىن كېيىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تۆۋەنلەشكە باشلىدى. تەدبىر ۋە چەكلىمىلەر نەتىجىسىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلار بىزلەرمىز، شۇڭا نەتىجىگە ئېرىشكۈچە كۈرەش قىلايلى. دېدى.

بۇ خەۋەر 1185 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2020 22:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق