خىتاي تۆت ناھىيەگە قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆت ناھىيە ۋە ئالتە ئىدارىگە قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلىغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۈتكۈۈزۈپ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەشىكىللىشىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چاقىلىق ناھىيەسى، كورلا ئىقتىساد ۋە تېخنىك ئېچىۋىتىش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ناھىيە ھەمدە بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بىۋاستە قاراشلىق 10 ئىدارىگە قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلغان. چاقىلىق ناھىيەسنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق باشقا ئۈچ ناھىيەنىڭ قايسى ناھىيە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئىدارە ۋە ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈشكە 50 كۈن ۋاقىت بەلگىلىگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش شى جىنپىڭ توقۇپ چىققان «تۆت ئاڭ»، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»، «ئىككى كاپالەت» قاتارلىق تېررولۇق سىياسەت ئۇل ئاساس قىلىنغان سەپسەتىلەر ئاساس قىلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزىتىشنى يولغا قويۇش كېرەكلىكى، تەكشۈرۈشتە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈشنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق تەكشۈرۈلمەكچى بولغان ناھىيە ۋە رايونلاردىكى قايسى تەبىقىنى، قانداق كىشىلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان.

بۇ خەۋەر 3656 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2020 22:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق