ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىردا تارقالغان سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قانداق شەكىلدە ئىشلەيدىغانلىقى تەپسىلى بىلدۈرۈلگەن.

سىندا زاۋۇتنى زىيارەت قىلغان خىتايغا زاۋۇتنىڭ ۋە ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن ئۇيغۇر ئايال: «بۇ زاۋۇت 2017 يىلى قۇرۇلغان، زاۋۇتتا 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئاياللار ئىشلەيدۇ، ئەتتىگەن سائەت 9 يېرىمدا ئىش باشلايدۇ، ھەر بىر بۆلۈمدە 25 دىن 30 غىچە بولغان كىشى ئىشلەيدۇ. يېڭى ئىشچىلارنىڭ بىر ئايلىق مائاشى 800 يۈەندىن باشلىنىدۇ. كونا ئىشچىلار 2000 يۈەندىن كۆپ مائاش ئالىدۇ. ھازىر بۇ زاۋۇتتا 300 دىن كۆپ ئايال بار، بۇ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئاياللارنىڭ ئوقۇش تارىخى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسى لېكىن ئىشچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھازىر خىتاي تىلىنى بىلىدۇ ۋە خىتاي باشلىقىمىز بىلەن بىر-بىرىنى چۈشىنىشىپ تۇرۇپ پاراڭلىشالايدۇ. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئاياللارنىڭ ئىش ۋاقتىدا ئۈندىدار، چ چ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئوينىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى كونۇپكىلىق تېلېفۇن ئىشلىتىدۇ. ئەگەر بۇ زاۋۇتتا ئىشلىگۈسى بار ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكىلىرى ئۇلارنىڭ ئىشلىشىگە قارشى چىقسا، بىز بۇ ئەھۋالنى ئاھالىلەر كومىتېتىغا يەتكۈزىمىز. ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چوڭلارغا خىزمەت ئىشلەيدۇ، بىز بۇ زاۋۇتتا كورىيە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ كىيىم تىكىمىز» دېگەن.

سىندىكى ئايالنىڭ زاۋۇت ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنى قېرى-ياش دېمەي جازا لاگېرلىرىغا قامىۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش ئاستىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭمۇ بىر مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

بۇ خەۋەر 3773 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2020 19:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق