تۈركىيە مىللىي گېزىت تورىنىڭ 16-دېكابىربەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى فىلېننىڭ تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئامېرىكىدا غۇلغۇلا قوزغىغان.
فلېن بۇ ھەقتە فوكىس خەۋەرلىرى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە تىرامپ گۇرۇپپىسىنىڭ مەھكىمىگە سۇنغان ئەرزىنى تىلغا ئېلىپ، تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىشى ئۈچۈن نۇرغۇن يوللىرى بارلىقىنى ئېيتتى.
جوۋ بايدىننىڭ رەئىسلىكى 232 گە قارشى 306 بېلەت بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن. لېكىن تىرامپنىڭ قانۇنى تەشەببۇسلىرى تېخى مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان ئىدى.
فىلېن يەنە «پرېزدېنت تىرامپنىڭ نۇرغۇن يوللىرى بار، كېلەچەكتە پرېزدېنتنىڭ كىم بولىدىغانلىقىغا 1 دىن 10 غىچە نومۇر بېرىشىمنى خالىساڭلار مەن 10 نومۇر بىلەن پرېزىدېنت تىرامپ دەيمەن» دېدى.
سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى: «سوت مەھكىمىسى كىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولىدىغانلىقىنى قارار قىلمايدۇ. ئۇنى بىز خەلق بېكىتىۋاتىمىز» دېگەنىدى.