تۈركىيەدە بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 240 كىشى قازا قىلدى

16-دېكابىر تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 29718 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ گۇمان قىلىنغان 205 مىڭ 397 كىشى تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 29718 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. نۆۋەتتە 4893 كىشى دوختۇرخانىدا بولۇپ، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 240 كىشى قازا قىلىپ 29922 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. نۆۋەتتە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى باشلانغاندىن بېرى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر جەمئىي بىر مىليون 691 مىڭ 113 گە، قازا قىلغانلار 17121 گە، كېسىلى ئېغىر بىمارلار 5960 گە يەتكەن.

فاھرەتتىن كوجا يەنە كېسلى ئېغىر بىمارلارنىڭ سانىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى، ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ سانىنى ئازايتىشىمىز كېرەكلىكىنى، يېپىق ۋە ئادەم كۆپ يەرلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىز ۋە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 1030 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2020 19:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق