خىتاي گىۋادار پورتىغا قارىتىلغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتتى

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈن بولغان گىۋادار پورتىنى قوغداشنى كۈچەيتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇچىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان گىۋادار پورتىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئايرىپ قوغداش ئۈچۈن، پورتنىڭ ئەتراپىغا تىكەنلىك سىم ۋە رىشاتكا ياساشقا باشلىغان. خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ بۇ تەدبىرلىرى «بىربەلباغ، بىر يول» بويىدىكى مۇھىم شەھەر گۋادار پورتىنى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ 40 يىللىق باشقۇرۇش ھوقۇقى بار گىۋادار پورتى پارس قولتۇقى ۋە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن ئاچقۇچلۇق نۇقتا بولۇپ، خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەن. خىتاي بۇ پورت قۇرلۇشىغا 62 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. بالۇچىستان ھۆكۈمىتى خىتاي باشقۇرۇرۇۋاتقان گۋادار پورتىنىڭ 24 كۋادرات كىلومېتىر يەرنى ئايرىۋېتىش ئۈچۈن تىكەنلىك سىم رىشاتكا ياساشنى پىلانلىغان.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىم رىشاتكىنىڭ پەقەت ئىككى كىرىش ئېغىزى بار بولۇپ، رىشاتكىغا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىلغان. تىكەنلىك سىم ئارقىلىق ئايرىلغان رايون خىتاي يېڭى سالغان گىۋادار خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە 80 دىن ئارتۇق يېڭى تۇرالغۇ بىنانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بالۇجىستان ئافغانىستان ۋە ئىران بىلەن چېگرىلىنىدىغان تەبىئىي بايلىقى مول، ئەمما ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تۆۋەن رايون بولۇپ، يەرلىك مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار بار ئىكەن. بالۇجىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بالۇجىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1047 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2020 19:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق